uyphp

بىر گۈل تورى ئۇختۇرۇشى:

ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت >php خەۋەر >ئوچۇق كۇدلار >

ئىزدەش:

ئۇيغۇرچە مۇنبەر سېستىمىسى ھەقسىز تارقىتىلدى

2011-02-12 17:30 مەنبەسى:Nurqut خەت چوڭلۇقى:T T  تېڭشۈن مىكرو بلوگى  سىنا مىكرو بلوگ  | تىزىملىتىپ ئەسەر يوللاڭ

ئۇيغۇرچە Discuz!X1.5 بولىقى تارقىتىلدى



 

[ 2010-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىلدى ]

[ 2011-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭىلاندى ]


بايانات:
ئىشلەتكۈچىلەر ئاچقۇچى تەرەپنىڭ بارلىق «ئىشلىتىش كىلىشىمى»دىكى مەزمۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىڭلار! بولمىسا ئىشلەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ! بىز تارقاتقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ قانۇنسىز ياكى سەزگۈر مەزمۇندىكى بېكەتلەرنى قۇرۇش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!


Discuz!X1.5نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كىيىن ، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ نەشرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى . نۇرقۇت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردىن IE نىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى ، Firefox قاتارلىق توركۆرگۈچلەرگە قارىتا ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى . ئاساسلىقى IE ۋە  Firefox قا ماسلاشتۇرۇلدى ..  Safari,Chrome ،Opera لاردىمۇ  نورمال كۆرۈنىدۇ .  ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق Discuz!X1.5 نىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى .
Discuz!X1.5 نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تاماملانغاندىن كىيىنكى ھالىتىنى ھازىرقى نۇرقۇت دۇنياسىدىن كۆرەلەيسىز . ناۋادا ھازىرقى ھالىتى سىزگە يارىغان بولسا بۇ  نۇسخىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .  ئىشلىتىش ئالدىدا مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىشلەرنى ئوبدان ئوقۇڭ .

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بولىقى ھەققىدە:
تەرجىمە خىزمىتىنىڭ جەريانىنى بىلمەكچى بولسىڭىز
Discuz!X1.5 تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىڭ! دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
تەرجىمە خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز
Discuz!X1.5 نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خۇلاسىسى  دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

========بۇ قېتىمقى نۇسخىنىڭ ئالاھىدىلىكى=============
1.ئالدى يۈزى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. تەپسىلاتىنى
Discuz!X1.5 نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خۇلاسىسى  دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
2.بەت يۈزى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى ،ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئىشلەيدۇ .
3. ئىملادىكى مەسىلىلەر ئۇيغۇرئېدىت تەھرىرلىگۈچنىڭ ياردىمىدە تۈزىتىلدى . خاتالىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى .
4. تەرجىمە سۆزلۈكلىرىدە ساقلانغان سەۋەنلىكلەر تۈزۈتۈلۈپ ، ئاممىباب ، چۈشۈنۈشلۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى .
5. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ مەسىلىسى ھەل قىلىندى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قۇلايلىق بولغان ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.
6. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى.
7. ناۋادا ھەرقانداق مەسىلە بايقالسا نۇرقۇت دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ھەرقاچان جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىش يىتەكچىسى :
Discuz!X1.5 غا مۇناسىۋەتلىك ئورنىتىش، يېڭىلاش، تەڭشەش ۋە ياردەم تېمىلىرىنى
مەخسۇس تېما بېتى ۋە مەخسۇس سەھىپىدىن كۆرۈڭ.
دەرسلىك تېمىلىرى:
Discuz!X1.5 نى قاچىلاش دەرسلىكى

Discuz! X1 دىن Discuz! X1.5 غا يۇقىرىلىتىش دەرسلىكى

Discuz!7.2.0 دىن Discuz!X1.5 غا كۆچۈش
قوشۇمچە سۆز :بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز .  ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سېتىشقا بولمايدۇ .
 



 

ياخشى
(61)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------

رەسىملىك ماقالە

ئالاقىدار ماقالىلەر

ئۆزىڭىزنىڭ ھەمدە بىكىتىمىزنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىڭ!
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارول: تەستىق كۇدى: