بىر گۈل تورى ئۇختۇرۇشى:
ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت >تاغدىن باغدىن >خاتىرىلىرىم >
بىر گۈل تورى نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
2011-03-21 10:06 مەنبەسى:بىر گۈل تورى خەت چوڭلۇقى:T T تېڭشۈن مىكرو بلوگى سىنا مىكرو بلوگ | تىزىملىتىپ ئەسەر يوللاڭ
بىر گۈل تورى تورداشلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
«نەۋرۇز بايرىمى» تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللى بايراملارنىڭ بىرى. «نەۋرۇز بايرىمى» ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك ... قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمىي مىللەتلىرىگە ئورتاق بايرام .
«نەۋرۇز» ئەسلى پارىسچە ئاتالغۇ بولۇپ «نەۋ »ۋە «رۇز» دىگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن . «يېڭى يىل كۈنى» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالىندارى بويىچە باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ 1- كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ .
«نەۋرۇز بايرىمى» ئەسلى ماھىتى ۋە مەنىسى بىلەن تەبىئەت بايرىمى بولۇپ ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە .
«نەۋرۇز بايرىمى»نىڭ بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى مۇنداق :
نەۋرۇز كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ،چوڭ -كىچىك ، ئەر -ئاياللار يۇرت- مەھەللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ باياملىق مىللىچە كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇپ ، شۇ سورۇندا «نەۋرۇز»غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ . خەلق قوشاقچىللىرى « نەۋرۇز»نى مەدىھلەيدىغان شىئېر قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ ، ھاپىز(مەدداھ) لار داستان ، ھېكايە- قىسىسىلەرنى ئېيتىشىدۇ . سازەندىلەر ساز چېلىپ ناخشا ئوقۇسا نەۋرۇز ئەھلى ئۇسۇل ئوينىشىدۇ ،بىر تەرەپتىن چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ . دارۋازلار ئىگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ . قىزلار ئىگىز دەرەخلەرگە ئىلەنگۈچ سېلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ . «نەۋرۇز» مۇراسىمىدا جامائەت ئىختىيار يىغىش قىلىپ مەخسۇس «نەۋرۇز ئېشى» تەييارلايدۇ ، «نەۋرۇز ئېشى» يەتتە خىل داندىن تەييارلىنىدۇ .
( «نەۋرۇز»دا يېڭى ياشارغان بىدە كۆكىنى تېرىپ چوڭلارغا «يېڭىلىق» تۇتىدىغان، چوڭلار بالىلارغا سۆيۈنچە بېرىدىغان ئادەت بار)
«نەۋرۇز بايرىمى »بەزى ئورۇنلاردا ئۈچ كۈن ئۆتكۈزىلىدۇ .
رەسىملىك ماقالە
ئالاقىدار ماقالىلەر
يېڭى باھالار
باھا يوللاش
ئالاقىدار تۈرلەر
رەسىملىك ماقالە


