uyphp

بىر گۈل تورى ئۇختۇرۇشى:

ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت >يۇمشاق دىتاللار >تور دىتاللىرى >

ئىزدەش:

IE9 نىڭ سۈرىتى Chrome دىن تېز

2011-03-05 19:11 مەنبەسى:بىر گۈل تورى خەت چوڭلۇقى:T T  تېڭشۈن مىكرو بلوگى  سىنا مىكرو بلوگ  | تىزىملىتىپ ئەسەر يوللاڭ

چەتئەل ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۆتكەن ھەپتە مىكرو سوفت ئەڭ يېڭى IE9 نىڭ RC نۇسخىسىنى تارقاتقان ، بۇ نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندىغان IE9 غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا IE9 مەيلى ئىقتىدار ،كۆرۈنۈش ، سۈرەت جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغان.

1.سۈرەت تىزلەشتى:IE9 RC نىڭ سۈرىتى ئاۋالقى نۇخىلاردىن ئالاھىدە تىزلەشتى ، بەت يۈزىدە كۆپلىگەن javascript كۇدلىرى بولغان ئەھۋالدىمۇ ئېچىلىش سۈرىتى ناھايىتى تېز بولغان ، IE9 ئارقىلىق تور كۆرۈش تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق ئەپكەلدى.

2.ئېكىران تېخىمۇ كەڭتاشا: ھەممىمىزگە مەلۇم ، كۆپلىگەن تور كۆرگۈچلەر ئىچىدە IE نىڭ ئۈستىدىكى كونۇپكا تاختىسى ئېكىراننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ ، تورداشلارغا تور كۆرۈدىغان بوشلۇق بولسا ناھايىتى كىچىك ، IE9 دا بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ Chrome غا ئوخشاش تېخىمۇ چوڭ بوشلۇقنى تورداشلارنىڭ بەت زىيارەت قىلىشىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

3.كۆپ بەت ئاچقاندا ناھايىتى قولايلىق: IE نىڭ 7 نۇسخىسىدىن باشلاپ بىر كۆزنەكتە كۆپ بەت ئېچىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ، بىراق كۆپ بەت ئاشقاندا سىز پەقەت بىرلا بەتنىڭ تېمىسى ۋە ئادرىسىنى كۆرەلەيسىز ، بىراق IE9 RC دا سىز بەت ئالاھىدىلىكىن ئايرىم قۇردا كۆرسىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ئاسانلا ھەل قىلالايسىز.

4.HTML5 كە بولغان قوللىشى تېخىمۇ كەڭرى: ھازىر تور تېخنىكلىرى HTML5 نى ئاساس قىلىپ توربەت تۈزۈشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ ، ئالاھىدىلىكى خاتالىق تېخىمۇ ئاز كۆرۈلدۇ شۇنداقلا باشقا قىستۇرمىلار مەسلەن Flash  قىستۇرمىلىرىغا بولغان بېقىنىش ھاجەتسىز.

5.ActiveX filter ئىقتىدارى: ActiveX filter يەنى ActiveX سۈزىۋىلىش ئىقتىدارى تورداشلارغا قايسى ActiveX نى قالدۇرۇپ قايسى ActiveX نى ئىشلىتىش ھوقوقىنى بەرگەن ، بۇ ئارقىلىق تور كۆرۈش تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

بۇ يېڭى نۇسخىلىق IE9 RC نى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرەلەيسىز :http://www.beautyoftheweb.com كېيىن يېڭى نۇسخىسى يەنى IE9 رەسمى نۇسخىسى تارقىتىلغاندا windows update ئارقىلىق يېڭى نۇسخىسىغا كۆتۈرەلەيسىز.

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------

رەسىملىك ماقالە

ئالاقىدار ماقالىلەر

ئۆزىڭىزنىڭ ھەمدە بىكىتىمىزنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىڭ!
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارول: تەستىق كۇدى: